باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىش ئەھدىنامىسى» ئىمزالاندى

2014.11.28 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى 38 ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت شىركىتى كارخانىسى، ئۇچقۇچىلار ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار كەسپىي جەمئىيەتلەر 26-نويابىر بېيجىڭدا «ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىش ئەھدىنامىسى» ئىمزالىدى. بۇ ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن تۈزگەن كەسپىي مۇستەقىل ئەھدىنامە بولۇپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشتىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  بۇ قېتىم ئەھدىنامە ئىمزالىغان ئورۇنلارنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مىقدارى پۈتۈن كەسىپنىڭ %95نى ئىگىلەيدۇ، قاپلىنىش دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ.

  «ئەھدىنامە»دە ئادەم چىقارغۇچى تەرەپ ۋە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى بەلگىلەندى، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىردەكلىك پرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى. چىقىشنى تەڭشەپ كونترول قىلىش جەھەتتە، ئۇچقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، پرىنسىپ جەھەتتىن %1تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشى تەرتىپسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن، خادىملارنىڭ ئېقىپ كېتىشى، بوش قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى بىۋاسىتە ئاجىزلىتىۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر