باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىدا مەسىلە بار ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى

2014.11.28 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن تاراتقۇلار خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ۋاسىتىچى ئورگىنىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشىنى خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قانۇنسىز ئىمتىھانغا ياردەم بېرىش قىلمىشى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھان تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلدى، ئالىي مائارىپنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئۆلكىلەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنى خەۋەردە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، قانداق تەشكىلات، شەخسكە چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر