باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى «پىكىر» ئېلان قىلدى

2014.11.19 11:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى «4 ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رايونلار، تارماقلاردىن بۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پىكىر مۇنداق 7 قىسىمغا بۆلۈندى: 1-، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ 2-، ۋەدىنى ھەقىقىي نەقلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇر ياخشى تۇتۇش؛ 3-، مەنبەسىدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنىڭ دائىملاشقان تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ 4-، پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، لىبېرالىزم، چېچىلاڭغۇلۇق، ياخشىچاق بولۇش، شەخسىيەتچىلىكنى قەتئىي يېڭىش؛ 5-، رەھبەرلەرنىڭ باشلامچىلىق ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاش؛ 6-، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، ئامما بىلەن ئالاقە قىلىدىغان تەشكىلىي سىستېما، مۇلازىمەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىش سىستېمىسى، كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش؛ 7-، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر