باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ برىسباندا ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2014.11.17 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2014-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە)

  پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز. بىز بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەمما دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى يەنىلا ئاستا ۋە تەكشىسىز بولۇپ، بىزگە ئېھتىياجلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. تەمىنلەش چەكلىمىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئازاد قىلىشنىڭ تۈگىنى، لېكىن دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە. پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى جىددىيلىك قاتارلىق خەۋپلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. شۇ ۋەجىدىن بىز ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ خەۋپكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن يەرشارى ئىقتىساد مېخانىزمىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر