- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تور، تېلېفوندا پويىز بېلىتى سېتىش ۋاقتى 60 كۈنگە ئۇزارتىلىدۇ
2014.11.17 10:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2014-يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ، بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، تۆمۈر يوللاردا توردا بېلەت سېتىش، تېلېفونىدا بېلەت زاكاز قىلىش ۋاقتى ھازىرقى 20 كۈندىن 60 كۈنگە ئۇزارتىلىدۇ. كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى مۇنداق: 1-دېكابىر ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى ھازىرقى 20 كۈندىن 30 كۈنگىچە بولىدۇ، 2-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى ھەر كۈندە ئالدىنقى كۈندىكىدىن 6 كۈن ئۇزارتىلىدۇ. 6-دېكابىردىن باشلاپ ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى 60 كۈنگىچە ئۇزارتىلىدۇ. 7-دېكابىر 2015-يىللىق تۆمۈر يول چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ 1-كۈنىدىكى پويىز بېلىتى مۇددەتتىن 60 كۈن بۇرۇن سېتىلىدۇ. تۆمۈر يول تارماقلىرى چاغانلىق تىرانسپورت ئاياغلاشقاندىن كېيىن پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقتىنى يەنىلا 60 كۈن ئىچىدە كونترول قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر