باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لوياڭنىڭدا تۆۋەن كاپالەت، بەشتە كاپالەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش دېلوسى بايقالدى

2014.11.17 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېنەننىڭ لوياڭ شەھىرى شىنئەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش خادىملىرى بۇ ناھىيەدىكى ۋۇتو بازىرىنى تەكشۈرگەندە خەلق ئىشلىرى پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جىڭخۇانى تەكشۈرگەندە 267 ئامانەت كارتىسىنى بايقىدى، ئۇ بۇ كارتىلاردىن پايدىلىنىپ تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، بەشتە كاپالەت ئائىلىلىرىگە بېرىلىدىغان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھاياتلىق پۇلىغا خىيانەت قىلغان.

  ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىدىن نۆۋەتتىكى تۆۋەن كاپالەتتىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ھوقۇقنىڭ بەك مەركەزلىشىپ كەتكەنلىكى، نازارەتنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. جاڭ جىڭخۇا ۋۇتۇ بازارلىق خەلق ئىشلىرى پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى پونكىتىنىڭ بوغالتىرى، كاسسىرى بولغان، مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى تۈپ مالىيە سىياسىتىگە خىلاپ.

  قۇياش نۇرى ئەڭ ياخشى چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلاش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنىڭ شەكلى بەزى يېزىلاردا ھەمىشە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەبلەغنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارا نازارەت قىلىنمايدۇ. تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى مەبلىغىنىڭ تارقىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ يوللار بىلەن ئاممىغا ئۇقتۇرۇلمىسا، تۆۋەن كاپالەت پۇلى چىرىكلىكى قاتارلىق يېزىلارغا چېتىلىدىغان چىرىكلىك مەشغۇلات بوشلۇقىنى يوقىتىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشتا، ئەڭ جاپالىق، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە نامرات رايونلاردا، يېزىلاردىكى كادىرلارغا چېتىلىدىغان چىۋىن شەكىللىك چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن نازارەت قىلىش تۈزۈمى قاتلىمىدىن دۆلەت بەرگەن ھاياتلىق پۇلىنى يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر