باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىچكى سودا ئوبوروتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە پىكىر» ئېلان قىلىندى

2014.11.17 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «ئىچكى سودا ئوبوروتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، نۆۋەتتىكى مۇقىم ئېشىش ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلمىنى تەڭشەش خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ھالقىلىق پەيتىدە ئىچكى سودا ئوبوروتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا يىتەكچىلىك قىلىش، ئىستىمالنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلىپ قىلىش،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى ئورونلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن 13 تۈرلۈك سىياسەت تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: زامانىۋى ئوبوروت شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە: 1-دىن ئېلىكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ 2-دىن ئوبوروت تەقسىماتى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.3-دىن زەنجىرسىمان تىجارەت زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

  ئوبوروت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە: 1-دىن تاۋار بازارلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 2-دىن ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەسلىھە سېلىنمىسى كۆپەيتىلىدۇ. 3-دىن يېشىل ئايلانما ئىستىمال ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئوبوروت ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە: 1-دىن ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ زورىيىشىغا كۈچىيىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. 2-دىن ئوتتۇرا كىچىك تاۋار سودىسى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچى كۈچەيتىلىدۇ. 3-دىن ئىچكى تاشقى سودىنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  تىجارەت سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە: 1-دىن مەمۇرى تەستىق ئازايتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ باج يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. 2-دىن ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىلىدۇ. 3-دىن بازارنى رەتكە سېلىش سالمىقى زورايتىلىدۇ. 4-دىن سودا ئىناۋەت قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: ھەر قايسى تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت چېكى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەزىيەت ئېھتىياجى ۋە ئۆز يىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، قاراتمىلىققا ئىگە يۈرۈشلەشكەن تەدبىرنى تۈزۈپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر