باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىراق ئارمىيىسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا بولغان قامالىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2014.11.17 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قىسمى تۆنۈگۈن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا بولغان قامالىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نەچچە ئاي مۇھاپىزەتتە تۇرغان ئىدى.

  سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يوبۇرى ۋە ئىراقنىڭ ئۈچ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: ئىراق ئارمىيىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا يېتىپ باردى. بۇ زاۋۇت ئىلگىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 300 مىڭ تۇڭ خام نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %50 ئىھتىياجىنى قاندۇراتتى.

  يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، بۇ نېفىتئايرىش زاۋۇتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ قامال قىلىشى ۋە نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئەمما ئۇنى تېخى ھەقىقىي كونترول قىلالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر