باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئورۇنلار 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2014.11.17 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇددا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ تەكلىپكە بىنائەن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر ئىگىلەشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مەنتىقە، 8 ئىدىيىۋى يارقىن نۇقتا دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈردى. جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى پارتكومى مەركىزى گۇرۇپپىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججەتلىرىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شىشىنى مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لەيمىڭ تەكلىپكە بىنائەن 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيىسى ، ئومۇمىي نىشانى، مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر