باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مېكسىكىنىڭ تۆمۈر يول تۈرىگە خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنى بىكار قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

2014.11.10 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى تۈنۈگۈن مېكسىكىنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىگە خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنى بىكار قىلغانلىقىغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى.

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ۋاقتى 7-نويابىر سائەت 13 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە تاراتقۇلاردىن مېكسىكا خەۋەرلىشىش- قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مېكسىكا شەھىرىدىن كېرېتارو شەھىرىگە بارىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىگە خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۆز ئالدىغا جاكارلىغانلىقىنى ئۇقتۇق.

  خېرىدار بولۇش نەتىجسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مېكسىكىدىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈردى. ھازىر قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ئەترىتى تەشكىللەندى، بۇ ئەترەت ۋەقەنى قانۇن قاتلىمىدىن چوڭقۇر باھالاپ چىقىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇنى يول ئارقىلىق قوغدايدۇ.

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مۇنداق دېدى: خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنى پۈتۈنلەي مېكسىكا تەرەپ بىكار قىلدى، بۇ شىركىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىز ۋەقەنىڭ راۋاجىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز.

  بۇ يىل 15-ئاۋغۇست مېكىسىكا خەۋەرلىشىش-قاتناش مىنىستىرلىقى مېكسىكا شەھىرىدىن كېرېتارو شەھىرىگە بارىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىگە خەلقئارادىن ئاشكارە خېرىدار چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر