باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى

2014.11.07 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى. جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ باشلىقى جاڭ لىجۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش يولى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ھەمكارلىق پىلانى جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن. جاڭ لىجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو ساھىبخان سۈپىتىدە ئۆتكۈزگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ يارقىن نۇقتا بار. ئۇ مۇنداق دېدى: 1-ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش-ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىدا كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. 2-ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش-بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنىڭ بىر مۇھىم پىلانى بولىدۇ. 3-ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئارا قوللاش. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ھەم مۇھىم تەدبىرى. ئەمەلىيەتتە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا، بىز ئالاقىدار ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، چىرىكلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرىمىز ۋە ساغلاملاشتۇرىمىز. بۇ يىل ئەگەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنسا، رايون ئىچىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى بىر يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىسى شۈبھىسىزكى، بۇ-رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىنى ئورنىتىشتا ناھايىتى چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر