باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ APEC ئاخبارات مەركىزىگە كىرىش

2014.11.06 08:38   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ APEC ئاخبارات مەركىزىگە كىرىش

  1-رەسىم: چەت ئەللىك مۇخبىر ئاخبارات مەركىزى مۇلازىمەت ئورنىدا خىزمەتچى خادىملاردىن مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ.

  2-رەسىم: دۆلەت يىغىن مەركىزى تاراتقۇ جامائەت خىزمەت رايونىدىكى ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا تازا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  3-رەسىم: دۆلەت يىغىن مەركىزىدىكى فىرانسىيەلىك باش ئاشپەز ئېنېكان.فرىدېرىك يىغىننىڭ چاي ۋە ناشتىلىقلىرىنى كۆرسەتمەكتە.مەزكۇر ئاگېنتلىق مۇخبىرى جاۋ مىڭخاۋ فوتوسى

   4-نويابىر، بېيجىڭ APEC دۆلەت يىغىن مەركىزىنىڭ ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئېچىلدى. مەزكۇر ئاگېنتلىق مۇخبىرى سەھەردىلا يېتىپ كەلگەن خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار بىلەن بىرگە ئىككى قات بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بىرىنچى ۋاقىتتا ئاخبارات مەركىزىگە كىردى.

  10مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىچىدە 524 تاراتقۇ جامائەت خىزمەت رايونى بولۇپ. رۋاندا «يېڭى دەۋر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى دۇن فوئۇي بالا ھاياجانلانغان ھالدا «بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ بىر بەختلىك ئىش، ئاخبارات مەركىزىنىڭ تورى ئىنتايىن قۇلايلىقكەن، بولۇپمۇ سىمسىز تورىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، مەن نۇرغۇن ئىشنى يانفوندىلا قىلالايدىكەنمەن» دېدى.

  ھازىرغىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى 4060 جەمئىي نەپەر مۇخبىر APEC رەھبەرلەر يىغىنى ھەپتىلىكىنى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 61 دۆلەتتىكى 504 تاراتقۇدىن كەلگەن 1859 نەپەر چەت ئەللىك مۇخبىر بار.

  قولايلىق شارائىت يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كەلگەن.

  «ئالقان ئاخبارات مەركىزى» بۇ قېتىمقى يىغىندىكى يېڭىلىق. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىن گاڭ مەزكۇر ئاگېنتلىق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۇنۇشتۇرۇشىچە، مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تەشكىلىي كومىتېت ئۈندىدار جامائەت ھىسابات نومۇرى ئارقىلىق «ئالقان ئاخبارات مەركىزى» ئېچىپ، پۈتۈن كۈنلۈك كۆچمە ئاخبارات مۇلازىمىتى قىلىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز