باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەمىمىيەت ئارخىپىنى تۇرغۇزىدۇ

2014.11.05 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 3-نويابىر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەمىمىيەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سەمىمىيەت ۋەدىنامىسى تۈزۈپ، ئۆگىنىش سەمىمىيىتى، ئىلىم سەمىمىيىتى، ئىقتىساد سەمىمىيىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەمىمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ، سەمىمىيەت ئارخىپىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيەسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىدۇ.

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكتە «ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇ پىكىردە مائارىپ مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، شەندۇڭ قاتارلىق 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 14 بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىغا بولغان چەكلەش ۋە جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئىناۋەت چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىناۋەت ئارخىپى قۇرۇلۇشىنى قاتلام بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر