باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىشلىك ھوقۇققا ئەدلىيە قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.11.05 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئادىللىق قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ جان تومۇرى، ئەدلىيەدىكى ئادالەتسىزلىك جەمئىيەتنىڭ ئادىل بولۇشىغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ، ئەدلىيەنى نازارەت قىلىشنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش يەنىمۇ زورايتىلىپ، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقى كۈچلۈك قوغدالدى، گۇمانلىق جىنايەت دېلولىرى بولماسلىق، ناھەق خاتا دېلولارنى تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان خلەق ئاممىسىنى ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھىس قىلدۇرۇش تەلىپىگە قايتۇرغان ئىجابىي ئىنكاسى، مەلۇماتقا قارىغاندا 2013-يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى جېجياڭدىكى جاڭ فامىلىلىك تاغا ۋە جىيەننىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى، خېنەندىكى لى خۈەيلىياڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى قاتارلىق نەچچە ئون ناھاق، خاتا دېلولارنى تۈزىتىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى ناھاق، خاتا دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ تۈزۈم جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2013-يىلى 7-ئايدا« ناھاق خاتا دېلولارنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقىرىپ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە خەلق ساقچىلىرى دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە ئۆمۈرلۈك مەسئۇل بولۇشى، يەنە ناھەق خاتا دېلولارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ مۇناسىپ تۈزۈم تەدبىرلەرنى چىقاردى، شەندوڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى بەزى چوڭ دېلولاردا خەلق زاسېداتېللىرىنى قاراپ چىقىشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامما نازارەت قىلىش، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان « ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»دا تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇققا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كىشىلىك ھوقۇققا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جىنايەتچىنى سوراق قىلىشنىڭ بارلىق جەريانىنى ئۈن سىنغا ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، « خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، جىنايىتىنى يېنىكلىتىش، كېپىلىككە قويۇپ بېرىش، تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە خادىملىرىدىن كەسپى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالىدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېلىمىزدە ئەدلىيەدە قۇتقۇزۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ئالايلۇق، يېڭى جىنايى ئشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادۋوكاتنىڭ ئاقلاش ھوقۇقى شىكايەت باسقۇچىدىن تەكشۈرۈش باسقۇچىغا قاراپ ئالدىغا سۈرۈلدى، پۇقرالار تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى ۋاستە قوللىنىلغان كۈندىن باشلاپ، ئاقلاش ھوقۇقىغا ئېرىشسە بولىدىغان بولدى، مانا بۇلاردىن ئەدلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشى ئىپادىلىنىپ، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر