باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرقايسى دۆلەتلەر چەت ئەلدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا: قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى يۆتكەش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ چەت ئەل ئىسچوتىنى ئاشكارىلايلى

2014.11.05 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 5-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادا چەت ئەلگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى قوغلاپ تۇتۇش «تۈلكە ئوۋلاش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا، تايلاند قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتتىن چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىدىن 180 كىشىنى قولغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمراھلارنى ئاكتىپ ئىزدىمەكتە: 8-ئايدا جۇڭگو ھىندونىزىيە، ئامېرىكا قاتارلىقAPEC ئىقتىسادىي گەۋدىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تورى قۇرۇش ھەم بۇ ئاپپاراتنىڭ كاتىبات باشقارمىسىنى جۇڭگودا تەسىس قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى.

  دۇنياغا باققىنىمىزدا، نۇرغۇن دۆلەتلەر بەس-بەستە چەتئەلدە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش «ئىككىنچى سېپى»نى ئاچتى. چەتئەلدە قوغلاپ تۇتۇش ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئورتاق دۇچ كەلگەن مۇھىم مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى ، بۇ دۆلەت ئىچىدە چەكلەش مېخانىزىمى تەسىس قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىنى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تەجىربىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر