باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىر يېرىم يىل ئىچىدە مەخسۇس تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم تەكلىپ قىلىشتىكى قائىدە-تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزەشنى پىلانلىدى

كەسپىي ئورۇنلار قالايمىقان ئادەم ئېلىشنى تازا بىر تۈزەشكە تېگىشلىك بولۇپ قالدى

2014.11.05 08:34   مەنبە: خەلق تورى

كەسپىي ئورۇنلار قالايمىقان ئادەم ئېلىشنى تازا بىر تۈزەشكە تېگىشلىك بولۇپ قالدى

  

  كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان «مۇناسىۋەتكە قاراپ تەكلىپ قىلىش » «تۈزۈمنى قايرىپ قويۇپ كىرىش» قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىشىگە ئۇچراپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جايلاردىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك، مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇلماقتا. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، تۈزەش ھەركىتى مەركەزلىك ھالدا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قارىتا مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ، قائىدە-تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، خىزمەت نازارىتىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك، ئاشكارە، رىقابەتلىشىش، ياخشىلىرىنى تاللاشتەك كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىش مىخانىزمى بەرپا قىلىش مۆلچەرلەندى.

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن «كەسپىي ئورۇنلار كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى. دۆلىتىمىز كەسپىي ئورۇنلىرى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «نىزام»دا ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى ، لېكىن ئاز بولمىغان رايونلاردا بۇ تۈزۈم يەنىلا ئومۇملاشمىدى.

   دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ شۈتاۋ مۇنداق ئوبرازلىق ئوخشاتتى: «تۈزۈمنىڭ ئومۇملىشىشى سىمتاناب تۈۋرۈكى تىكلەشكە ئوخشايدۇ، سىمتاناپ تۈۋرۈكى تىكلەنمىسە توك ئۆتكۈزۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.»

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇڭ چاڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى چوقۇم ئاشۇرۇپ، ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلىپ بولغان رايون ۋە ئورۇنلادا، قېلىپلىق باشقۇرۇش ئاساسىدا، تۈزۈمنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش؛ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى تېخى ئومۇملاشمىغان رايونلارغا نىسبەتەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا خىزمەتنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى، ئەمدى، كۈچنى تۈزۈمنى كۈچەپ مۈكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋۇ جياڭ: «تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن كېيىن مۇكەممەل بولمىسا، ئالاقىدار يانداش تۈزۈملەر بولمىسا، ئاسانلا شەكىلگە ئايلىنىپ، ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.»دېدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز