باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مېكسىكا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرىگە خېرىدار بولدى

جۇڭگونىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئامېرىكا قىتئەسىدە قاتنايدۇ

2014.11.04 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 4-نويابىر سائەت 2دە مېكسىكا ئۇچۇر ئالاقە ۋە قاتناش مىنىستىرلىقى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق گەۋدىسىنىڭ مېكسىكا شەھىرىدىن كۇئېرېتاروغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرىگە خېرىدار بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كارخانىلىرى ھۆددىگە ئالدى

  مېكسىكا شەھىرىدىن كۇئېرېتاروغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ياساش مېكسىكا خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنگەن خەلق تۇرمۇشى تۈرىدۇر. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياساس ئارقىلىق ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش-تىرانسىپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مېكسىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى 2012-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چاغدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىدى. بۇ مېكسىكىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنى ياخشى ياساس ئۈچۈن مېكسىكا 2013-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا ئاشكارا خېرىدار چاقىرغان.

   مېكسىكىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىر، ئومۇمىي مۇساپىسى 210 كىلومېتىرلىق مېكسىكا شەھىرىدىن كۇئېرېتاروغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى دەرھاللا دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ماگناتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ياپونىيەدىكى مىتسۇبىشى، فىرانسىيەدىكى ئارستون، كانادىكى بومباردىئېر ۋە گىرمانىيەدىكى سيېمېنس قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش درېكتور ياردەمچىسى، قوشۇمچە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى جو لىي ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: مېكسىكىدىكى تۈرگە خېرىدار چاقىرىشنى باشلاپ ئاياقلاشتۇرغىچە بولغان ۋاقىت پەقەت ئىككى ئاي بولغاچقا، بۇ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا خېرىدار بولۇش قوللانمىسىنى پۈتتۈرەلمىدى. ئاخىرىدا جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق گەۋدىسى بۇ چوڭ زاكالەتنى قولغا كەلتۈردى.

  لۇ يانەن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر