باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون تارماق بىرلىشىپ، چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان «سېتېرېئولۇق» تورنى شەكىللەندۈردى

− جۇڭگونىڭ چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا (5)

2014.10.31 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىلدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا « قېچىپ كەتكەن پارىخورلار ۋە ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش سالمىقىنى زورايتىش»نى تەكىتلىگەندىن كېيىن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلار سىرتقا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

  چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىگە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار قاتناشقان بولۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلامچىلىق قىلىدۇ. بۇ يىل 7-ئايدا، قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى بولغان ج خ مىنىستىرلىقى چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان «ئوۋ تۈلكىسى-2014» ناملىق مەخسۇس ھەرىكەتنى باشلىدى. كۆپ تارماق بىرلىشىپ قۇرغان چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان «سېتېرېئولۇق» تورى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر