باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پاراسىتىنى تەغدىم قىلىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى (ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا مەركەزلەشتۈرۈش)

  ـــــ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئېچىلماقچى بولغان بېيجىڭ APEC يىغىنى ئۈستىدە ئېيتقانلىرى

2014.10.31 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) نىڭ 22-قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، باش تېمىسى: «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى». يېقىندا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ يىل APEC باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللەر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىندىن كېيىن بىرلىكتە «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق ئورمىنى» تىكىدۇ. بۇ ئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش APEC ئەزالىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئومۇملاشتۇرغاندا، بۇ يىللىق APEC غا جۇڭگو تەييارلىنىپ بولدى، بېيجىڭمۇ تەييارلىنىپ بولدى. ئىشىنىمىزكى جۇڭگو ۋە ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا بېيجىڭ APEC يىغىنى بىر قېتىملىق مول-ھوسۇللۇق، تەسىرى چۇڭقۇر بىر يىغىن بولۇپ APEC تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. ليۇ خۇاشىن ۋۇ لېجۈن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر