باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆتىنچى ئومۇمىي يىغىن دوكلاتىغا ئىزاھات

2014.10.27 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ دوكلاتى قانۇن ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، سەييارە سوت، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنى قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سۆزلەر، يېڭى قاراشلار قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى.

  مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى يىن فېينىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي يىغىندا «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى-سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى» دەپ تەكىتلىنىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، بۇ مۇھىم تېمىغا جاۋاب بېرىلگەن. سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش زۆرۈر. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بىر تەرەپتىن، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىپ، بىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چېن ۋېيدوڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش-بۇ قېتىمقى دوكلاتتىكى بىر يېڭى قاراش بولدى. مەركەز ئەدلىيە ئادىللىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇ-پۈتكۈل دۆلەتنىڭ جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ ئاساسى دەپ قارىدى. سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، سوتچى، تەپتىشلەرنى كەسىپلەشتۈرۈش، بۇ خىل ھوقۇقنى يۈرۈشتۈرۈش، سوتچى، تەپتىشلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، بولۇپمۇ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ خىل ئاشكارا، ئېنىق دەۋا مېخانىزمىنى يولغا قويۇش تەكىتلەندى.

  ئومۇمىي يىغىندا يەنە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى گو فېڭخەي مۇنداق دەپ قارىدى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش-ئارمىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قاراپ ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىشى؛ نۆۋەتتە بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چوڭقۇر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىسلىسىز مۇرەككەپ بولماقتا، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ مىسلىسىز بولماقتا، شۇڭا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ئالاھىدە قېلىپلىقى، يېتەكچانلىقى، دېموكراتىيەلىكى ۋە كۈچلۈكلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر