باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك يىغىن مەركىزى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلماقتا

2014.10.24 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەتلىك يىغىن مەركىزى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC ) باشلىقلىرى بىرەسمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى. مۇخبىر بۇ جايغا كېلىپ، ئەينەك ۋە تاملارنىڭ پاكىزە پارقىراپ تۇرغانلىقى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق 108 تەييارلىق تۈرىىنىڭ تاماملىنىپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۆلچىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن.

  دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىنىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق. بۇ جايدا چوڭ-كىچىك 100دىن ئوشۇق يىغىن زالى بار بولۇپ، ئەڭ چوڭ يىغىن زالىدا 6000 كىشىلىك چوڭ يىغىنلارنى ئاچقىلى بولىدۇ، بىرىنچى قەۋەتتىكى زىياپەت زالىدا 3500 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، APEC يىغىنى مەزگىلىدە، بۇ يەردە 2014-يىللىق APEC باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنى، دىپلوماتىيە-سودا قوش مىنىستىرلار يىغىنى، سودا-سانائەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى، باشلىقلار بىلەن سودا-سانائەت مەسلىھەت مۇدىرىيىتى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق يىغىنلار ئېچىلىدۇ. چوڭ-كىچىك ۋە ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەر يۈز مەيدانغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ جاي يەنە بىر قېتىم دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلانغۇسى. (ۋاڭ ۋۇ خەۋىرى ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر