باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش»تا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت دەپ كۆرسەتتى

2014.10.24 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شياڭگاڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 23-چېسلا ۋاڭجياۋ ۋە جۇڭشىن سارىيىنى چەكلىگەنلىك توغرىسىدىكى يازما ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى. سوتچى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش»نىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولدى ھەم ئۇزۇن داۋاملاشتى، نۇرغۇن ئادەملەرگە تەسىر كۆرسەتتى، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش خەتىرى مەۋجۇت دېدى.

  سوتچى مۇنداق دېدى، نامايىشچىلار توسۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ شياڭگاڭنىڭ غول يوللىرىنى توسۇۋېلىپ، تاكسى شوپۇرلىرى ۋە تىجارەتچىلەرگە زور زىيان كەلتۈردى. ئاساسىي قانۇن نامايىش قىلىش، يىغىن ئېچىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، لېكىن يولنى بېسىۋېلىشقا بولمايدۇ، باشقا شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. (يىن شېچاڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر