باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

15-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسى چېڭدۇدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2014.10.24 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسى 24-ئۆكتەبىر چېڭدۇدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

  بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دىپلوماتىيە كاتتا مەركىسى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە چەتئەللىك 20 مىڭ ساھىبخان قاتنىشىدۇ.ئەنگىلىيە، رۇسىيە قاتارلىق 14 دۆلەت دۆلەت سارىيى تەسسىس قىلىدۇ.

  بۇ بىر قېتىملىق ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش سودا پۇرسىتى. 76 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 9000 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە خەلقئارادىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە 50 تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سودا پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جۇڭگو بىلەن ياۋرۇپانىڭ مەبلەغ سېلىش سودا پەن تېخنىكا ھەمكارلىقى سۆھبىىتىدىلا ھەمكارلىق كېلىشىمى 1200 دىن ئاشتى.

  بۇ غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى دەۋىر مىلودىيىسى ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە مەزگىلىدە غەربىي رايون سانائەت ياسىمىچىلىقى ۋە تېخنىكا كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزىلىدۇ.

  14 يىل ئىلگىرى غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىگىنىلىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ،غەربىي رايون كۆرگەزمىسى دۇنياغا كەلدى. 14 يىل ئىچىدە غەربىي رايوندا ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قەد كۆتۈرۈش ساداسى ئارقا ئارقىدىن ئاڭلىنىپ تۇردى. دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنۋىرىسال كۆرگەزمىدە غەربىي رايون كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان مەبلەغ سوممىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  مەۋقە غەربىي رايونغا قارىتىلدى، يەر شارىغا سىڭىپ كىرىلدى. غەربىي رايون كۆرگەزمىسى ئىقتىساد سودا ساھەسى بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. 2008-يىللىق بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش، تەڭ بەھرىمان بولۇش مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت كۆرگەزمە ئىدىيىسى ئارقىسىدا ، تۇنجى نۆۋەتلىك غەربىي رايون خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى غەربىي رايون كۆرگەزمىسىدە كۆرۈلدى. 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى مۇنبەردە 2008-يىلى چىڭدۇ ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلىپ، ئىچىۋىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاسىيا ئوبروت يېڭى سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. غەربىي رايوننى زور كۆلەمدە ئېچىشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئارقا كۆرىنىشىدە بۇ نۆۋەتلىك غەربىي رايون كۆرگەزمىسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، دۇنيا بىلەن تەڭ سەھنىگە چىقىشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر