باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر نوپۇس ئىسلاھاتىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى يېشىپ بەردى

2014.10.24 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شەھەر، يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. يېزا ۋە شەھەر نوپۇسى دەپ ئايرىش ۋە شۇ سەۋەبتىن پەيدا بولغان كۆك تاشلىق نوپۇس قاتارلىق نوپۇس تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاھالە نوپۇسى دەپ بىر تۇتاش تىزىملىنىدۇ». گوۋۇيۈەن بۇ يىل 30 – ئىيۇل ئېلان قىلغان «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسدىكى پىكىر»دە يۇقىرىقى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق يولغا قويغان «يېزا نوپۇسى» ۋە «شەھەر نوپۇسى»دىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك نوپۇس باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ مىڭ 30 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەدبىر – چارىلىرىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ «پىكىر» ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە مەملىكىتىمىزنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، بۇ زور ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  «شەھەر نوپۇسى» ۋە «يېزا نوپۇسى» دەپ ئايرىلمىغاندىن كېيىن، نوپۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاراۋانلىقلارنى قانداق قىلىپ تەدرىجىي ئايرىش بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى شۇنداقلا قىيىن نۇقتىسىدۇر. «پىكىر»دە بۇنىڭغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلدى: نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يەنە تەڭشەپ، شەھەر، يېزا نوپۇسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئولتۇرۇش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت نوپۇسى ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرىنى تېزدىن قۇرۇپ ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، مەجبۇرىي مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالاش ۋە سەھىيە، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق شەھەر – بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ بارلىق دائىملىق نوپۇستىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسلانغاندا، 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ماس كېلىدىغان، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك قوللايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان، ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك يېڭى نوپۇس تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدىكەن، 100 مىليوندەك يېزا نوپۇسى ۋە باشقا دائىملىق نوپۇستىكىلەرنىڭ شەھەر – بازارلاردا ئولتۇراقلىشىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيان، ئېلىمىز شەھەر – بازار ئاھالىسىنى نورمىلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىپ، «يېزا نوپۇسى» ۋە «شەھەر نوپۇسى»دەپ ئايرىغان ھەمدە ئىككى مەنبەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا دۆلتىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى، ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى پىلانلىق تەقسىملەشنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ماس بولۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. لېكىن، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى، بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەردىكى يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى ، «ئىككى مەنبەلىك تۈزۈم» بىلەن نوپۇس باشقۇرۇش ئەندىزىسى ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىگە تەدرىجىي ماسلىشالماي قالدى.

  «خەلق گېزىتى»دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر