باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى توغرا بولغاندىلا، ئۈنۈم يۇقىرى بولىدۇ

2014.10.24 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنىڭ نىشانىنى ئېنىق قىلىش، پىكىر يولىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مېخانىزمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تولۇقلىمىنىڭ توغرىلىقى، يۆنىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىنى كۆپ تولۇقلىمىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  يېقىندا زىيارەت قىلغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر نەچچە چوڭ ناھىيەلەردىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى ھەققىدىكى سۆھبەتتىن ئىگىلىشىمچە، ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان 100 يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىمىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مۇنداق كۆز قارىشى بار ئىكەن. بىرىنچىدىن، ئىشلەمچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىمى كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىدىكەن. ئىككىنچىدىن، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، مەيلى ئۇلار قانچىلىك يەرگە ئاشلىق تېرىسۇن، پەقەت ئۆزى ھۆددە ئالغان يېرىگىلا تولۇقلىما ئېلىپ، باشقا يەرلىرىگە ئوبوروت قىلغۇچى تولۇقلىما ئالغاچقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش تەسكە توختاۋېتىپتۇ. بۇنداق پاسسىپ ھالەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئائىلىلەر قاتارلىق ھازىرقى زامان تېرىقچىلىق سۇبيېكتلىرىدە كۆپ ئىكەن.

  يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتى بولۇپ، بۇ سىياسەت مەملىكىتىمىزدە 2004 – يىلى ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، بىۋاسىتە تولۇقلىما، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل تولۇقلىمىنى ئاساس قىلغان، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى تولۇقلىمىسىنى قوشۇمچە قىلغان ئاساسىي تۈزۈم شەكىللەندى. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە بۇلتۇر تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى 160 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتى مەملىكىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ يىلسېرى ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

  لېكىن يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا بىر قىسىم مەسىلىلەر سادىر بولدى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ئائىلىلەرگە ماس كەلمەيۋاتقان تولۇقلىما نىشانى ئېنىق بولماسلىق ئەھۋالى مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى رايونلاردا ھەقىقەتەنمۇ تولۇقلىما بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. دېھقانلارنىڭ يەرلىرى يەر ھۆددە سىياسىتىگە چۈشسىلا، بەزى دېھقانلار يەرلىرىنى قاقاس قالدۇرۇپ، تولۇقلىمىنى بۇرۇنقىدەك ئېلىۋەردى. بەزى دېھقانلار شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق قىلمايلا تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولىۋەردى. شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللارنى بەزى مۇتەخەسسىسلەر يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى ئاجىزلاپ، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتى دېھقانلارنىڭ «كىرىم خاراكتېرلىك پاراۋانلىق پۇلى»غا ئايلىنىشقا باشلىدى، دېيىشتى.

  ئەمەلىيەتتە يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت دېھقانلارنى كۆپلەپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش بولسىمۇ، جايلاردا ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلىنى بىرمۇ بىر ھېسابلاپ چىقىش تەس بولغاچقا، جايلار بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلغاندا، تولۇقلىمىنى ھۆددە ئالغان يەر كۆلىمى بويىچىلا بەردى. بۇمۇ يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشچانلىقى ئېنىق بولماسلىق، توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىقنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

  تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسىمۇ، بەزى ئىشلارنى قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى ئاشلىق تېرىقچىلىقىنىڭ تەننەرخى يۇقىرىلاۋاتقان، ئاشلىق تېرىقچىلىقىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى سىجىل چۈشۈۋاتقان شارائىتتا، تولۇقلىمىنىڭ نىشانى ئېنىق بولمىسا، ھەقىقىي ئاشلىق تېرىغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ تولۇقلىمىغا ئېرىشەلمىسە، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلماسلىق ئەھۋالى ئېغىرلىشىشى، شۇنداقلا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ئائىلىلەر قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ توغرا، ئېنىق بولۇشىنىڭ تەقەززاسى.

  مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە «يېڭى كۆپەيتىلگەن تولۇقلىما ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا يۈزلىنىشى لازىم»، «شارائىتى بار جايلار ئەمەلىي ئاشلىق تېرىلغان كۆلەم ياكى ھوسۇل بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىشنى سىناق قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ تەڭشەلگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. تولۇقلىما نىشانىنى ئېنىق بېكىتىش، پىكىر يوللىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنىڭ ئاشلىق تېرىغۇچىلار بىلەن بولغان ھەقىقىي مۇناسىۋەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تولۇقلىمىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى، يۆنىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئاشلىقنى كۆپ تېرىغانلارنى كۆپ تولۇقلىمىغا ئېرىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئاشلىق تېرىلماسلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ توغرا، يۆنىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرت، ئادىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. «خەلق گېزىتى»دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر