باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئەمەلدارلار تۇغقانلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە زەربە بېرىدۇ

2014.10.23 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014-يىللىق 1-قېىتملىق تۈزەش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 14 ئوبېيكت ئىچىدىكى 7 ئورۇن ۋە ئىدارىدە كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇش مەسىلىسى بايقالغان.

  چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى رېن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈلگەن ئوبيېكتلارنىڭ يېرىمىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىگە پايدا يەتكۈزگەن ئەھۋال ئاشكارىلانغان، بۇ نەتىجە كىشىنى چۆچىتىدۇ».

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، 1979-يىلدىن ھازىرغىچە، 100 دىن ئارتۇق قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتتە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سودا قىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ياخشى بىر تەرەپ قىلىنماي كەلگەن. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىنىڭ سودا قىلىش ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرگەنلىكى كادىرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىق «ئاسان چىرىكلىشىدىغانلار»نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «بىر ئادەم باشلىق بولسا پۈتۈن ئائىلىسى باي بولىدىغان بۇنداق ئەھۋال ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر