باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان 180 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم موللاق ئاتتى، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق ساھەلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلاندى

2014.10.23 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغان 2-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش تور بېكىتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كۇنمىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مېي زۇئېن ۋە خۇبىې ئۆلكىلىك دۆلەت مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ كەننىڭ پارتىيەدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۈچ پارچە خەۋەر ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭغا ئوخشاش «بىر كۈندىلا ئۈچ ئادەم موللاق ئاتىدىغان» چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش رېتىمى «18-قۇرۇلتاي»دىن بۇيان ئادەتتىكىدەك ئىش بولۇپ قالدى. ئۆتكەن 8-، 9-ئايلاردا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەپتىش تارماقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىدىن مەھكىمە-ئىدارە دەرىجىلىك ئەمەلداردىن بەشنى قولغا ئالدى. بۈگۈنكى كۈندە، باشقىلار تەرىپىدىن «جاھاندىكى بىرىنچى مەھكىمە» دەپ ئاتالغان دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىدە پەقەت بىر كۆزەتكۈچى ۋە بىر مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىدىن ئىبارەت ئىككىلا مەھكىمە-ئىدارە دەرىجىلىك رەھبەر قالدى. يىلنىڭ بېشىدىلا، ئوخشاش بىر ھويلىدىكى دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىدارىسىدىن يېرىمغا يېقىن كەسپىي بۆلۈمنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۇلدى.

  سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى ساقايتقاندەك ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ ھەرىكەت 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى بوراننىڭ يۇقىرى بېسىمى ئارقىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىكى «يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىش» جېڭىدە، 180 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر جازالاندى. قاتناش، ئۆي-مۈلۈك، قېزىلما بايلىق، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى سىستېمىسى قاتارلىق مونوپوللۇقى يۇقىرى ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ساھەلەر شۈبھىسىزكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى «ئېغىر ئاپەت رايونى»غا ئايلاندى.

  2012-يىلى ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىز 2020-يىلى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىدۇ. كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارايدۇ، تارىختىكى تۇنجى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «ۋاقىتلىق چارە كۆرۈش»تىن «تۈپتىن تىزگىنلەش»كە ئۆتۈشىدىكى مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلىنىدۇ، بۇنى تىرەك قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەل ئارا مەبلەغنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى پائال قوزغىتىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر