باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۇچقۇسى ئاينى ئايلىنىپ قايتىپ كېلىش ۋەزىپىسىگە تۇنجى قېتىم جەڭ ئېلان قىلدى

2014.10.23 15:30   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئۇچقۇسى ئاينى ئايلىنىپ قايتىپ كېلىش ۋەزىپىسىگە تۇنجى قېتىم جەڭ ئېلان قىلدى

  تەجرىبە ئۇچقۇسى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇچقۇ بىلەن راكىتا ئايرىلىش، يەر شارى ئوربىتاسىدىن ئاي شارى ئوربىتاسىغا ئۆتۈش، ئايغا يېقىن بارغاندىن كېيىن كەينىگە قايتىش، ئاي شارى ئوربىتاسىدىن يەر شارى ئوربىتاسىغا ئۆتۈش، يەر شارىغا يېقىنلىشىش، يەر شارىغا قايتىش قاتارلىق ئالتە ھالقىلىق باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 8 كۈن كېتىدۇ.

  بۇ جۇڭگو ئۇچقۇسىنىڭ يەر شارىدىن تەخمىنەن 380 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاي شارى ئوربىتاسىغا بېرىپ قايتىپ كېلىش ۋەزىپىسىگە تۇنجى قېتىم جەڭ ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 22-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى ئوربىتاغا قايتا كىرىش-يەر شارىغا قايتىپ كېلىش تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدۇ، تەجرىبە ئۇچقۇسىنى 24-چېسلا 26-چېسلاغىچە بولغان مۇۋاپىق ۋاقىتتا شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىش پىلانلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2013-يىل 12-ئايدا، ئاي پەرىسى-3 ۋەزىپىسى ئۇتۇقلۇق تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات پىلانىنىڭ 3-باسقۇچىغا كىرگەن ھەمدە 2017-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە چاڭئې-5 ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئادەمسىز ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان. ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ ئوربىتاغا قايتا كىرىش-يەر شارىغا قايتىپ كېلىشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇچقۇ ئارقىلىق سىناق قىلىش، يەنى ئاۋۋال بىر تەجرىبە ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇچقۇ ئايغا يېقىنلىشىپ، ئاينى يېرىم ئايلىنىپ بولغاندا قايتۇرۇپ كېلىش پىلانلانغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز