باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە ساقلاندى

ئالدىنقى 3 پەسىلدە ئىقتىساد %7.4، مالىيە كىرىمى %8.1 ئاشتى

2014.10.22 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 21-ئۆكتەبىر ئالدىنقى 3 پەسىلدىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. دەسلەپكى ھېساباتقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى 3 پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 41 تىرىليون 990 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-پەسىلدە %7.4، 2-پەسىلدە %7.5، 3-پەسىلدە %7.3 ئاشقان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسۈستەك تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلىغان.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، يازلىق ئاشلىق ئۆتكەن يىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشتا ئۈمىد زور ئىكەن. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، كۆلەملىك سانائەتنىڭ ئېشىش قىممىتى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنتى چۈشكەن. مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 35 تىرىليون 778 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 نامىي ئاشقان (باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش %15.3 ئاشقان)، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنتى چۈشكەن. بازاردا سېتىش مۇقىم ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 18 تىرىليون 915 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.0 نامىي ئاشقان (باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش %10.8 ئاشقان) بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 تىرىليون 823 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.9 ئاشقان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر