باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولماقتا

2014.10.21 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساياھەت قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، جايلار ساياھەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزملىرىنى تېرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇن ئۈنۈمىنى تەدرىجىي گەۋدىلەندۈردى. بىراق دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى بولۇش، ئۈمىد بىلەن ئەندىشە تەڭ مەۋجۇت بولۇش ئەندىزىسى يەنىلا تۈپتىن ئۆزگەرمىدى. دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ۋېنشۆ 19-ئۆكتەبىر ساياھەت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ تىپى ئۆزگىرىش مەزگىلىدە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر بىلەن بازارنىڭ تەرتىپ مەسىلىسى ئارىلىشىپ كەتتى، سەمىمىيەت سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە قارا جەمئىيەت، قارا تاكسى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىراق ئېلىمىزنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن بازار باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ، ساياھەت قانۇنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى تېخىچە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. ھۆكۈمەت ۋە ساياھەتچى، كارخانا، كەسىپكارلار رازى بولمىغان ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسى يېتىشتۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مەشغۇلاتتىكى ساياھەت كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر