باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېبۇلا يۇقۇمىدا ھايات قالغۇچىلارنىڭ بەختلىكى ۋە بەختسىزلىكى(2)

2014.10.20 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىرا مۇنداق دەيدۇ: باشتا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، كېسىلىمنى دوختۇرغا كۆرسەتمىدىم، ئاخىرىدا پەقەت چىدىيالمىغاندا داۋالاش مەركىزىگە باردىم، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. ئەگەر يولدۇشۇممۇ مەندەك بالدۇراق دوختۇرغا بارغان بولسا بەلكىم قازا قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. سېررالىئوننىڭ شەرقى ئۆلكىىنىڭ باشلىقى مايا كېككى 16-ئۆكتەبىردىكى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر بىر قىسىم بىمارلار ساقىيىپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىماقتا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئائىلىلەرنىڭ تىگىشلىك ئېتىبارغا ئېرىششىگە ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئېبۇلا يۇقۇمىدا ھايات قالغۇچىلار «مەھەللىدە قاتتىق كەمسىتىشكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان. سېررالىئوننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنستىرىمۇ ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھايات قالغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە مەھەللىسىگە قايتىشىنى قارشى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سېررالىئون 5-ئايدا تۇنجى ئىبۇلا يۇقۇمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېسەللىك تېزدىن يامرىدى. ھازىر بۇ ئۆلكىنىڭ بارلىق رايونلىرىغا يامراپ بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، سېررالىئوندا 3252 كىشى ئېبۇلا بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇنىڭ 1183 قازا قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر