باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭلارغا ۋاپادار، تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2014.10.14 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا پۈتۈن جەمئىيەتكە رېن چۈەنلەي ئائىلىسى قاتارلىق «پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭلارغا ۋاپادار، تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان ئەڭ گۈزەل ئون ئائىلە»نىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. رېن چۈەنلەي، جاۋ يوڭخۇا، فاڭ زېچيۇ، خۇ جىنفېڭ، گو شىنشىن، جاۋ فۇنى، لى يوڭجوڭ، لى چاڭنۈ، دەي چيوڭلەن، دىلخۇمار ئابدۇقادىر قاتارلىق ئون ئائىلىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ۋاپادارلىق يولىنى تۇتۇش، ئاتا-ئانا، قېيىن ئاتا، قېيىن ئانىلارغا چىن كۆڭلىدىن ۋاپادار بولۇش، يېتىم-يېسىر، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشتەك ئىش-ئىزلىرى جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ زور ئۈلگە بولدى.

  يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى شىشەن رايونىدىكى ئاددىي يېزا ئايالى دەي چيوڭلەن ياشانغانلار ياتىقى ئېچىپ، يېتىم-يېسىر، ياشانغانلارنى خالىس باققان. بۇ ئالاھىدە چوڭ ئائىلىدە، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار دەي چيوڭلەننى بىردەك كېلىنىمىز، قىزىمىز دەپ ئاتىغان. مۇشۇنداق بىر ئاددىي ئاتاشتىن ناھايىتى سەمىمىيلىك ۋە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

  كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى جاڭ شيەن دەي چيوڭلەننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىر يېزا ئايالىنىڭ مۇشۇنداق قەيسەرلىك ۋە جاسارەت بىلەن يېتىم-يېسىر، ياشانغانلارغا باشپاناھ بولغانلىقى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

  گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇدىكى ليۇ يوڭجوڭنىڭ ئائىلىسى باي ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋە ئايالى يايما ئاچقان، تاكسى ھەيدىگەن ئىدى، مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى. لېكىن لى يوڭجوڭ بالا ۋاقتىدا ئۆزىنى باققان دوڭ شاۋلەننىڭ ياشانغان چېغىدا باشپاناھسىز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش باققان.

  بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونىدىكى رېن چۈەنلەي بىلەن ئايالى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رېن چۈەنلەي ئايالىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ياخشى باققان.

  تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى لى مىڭ سەمىمىيلىك بىلەن، بەزى ياشلارنىڭ ئائىلىسىدە چوڭلارغا قاراش مەسىلىسىدە زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يۈك ئەمەس، بەلكى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، بىز چوقۇم بۇنداق پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر