باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى

2014.10.14 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12-ئۆكتەبىر سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئۆلچەم كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىغان، بۇنىڭدا، بۇ يىلدىن تارتىپ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە سۈپەت جەھەتتىن تۈزەش مېخانىزمى ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئىستېمال بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكىنىڭ ئىچكى، تاشقى ئۆلچىمىنى سېلىشتۇرۇش ھەرىكىتى، ئۆلچەم تۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئۆلچەم بىلەن كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسىدە ئىچكى، تاشقى ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «كۈندىلىك مۇداپىئە تىپىدىكى ماسكا تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ» قاتارلىق بىخەتەرلىككە ئالاقىدار جىددىي ئېھتىياجلىق ئۆلچەملەرنى تېزدىن تۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، سۇۋالغۇ، ئىمارەتلەرنىڭ ھاجەتخانا چاقچۇقلىرى قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسىدە ھازىر ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق، كەسىپ ئۆلچىمىدىن 4100 دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىنى ئاساسەن قاپلىغان. لېكىن ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتى يەنىلا رېئال ئېھتىياجغا يېتىشىپ ماڭالمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر