باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق نېفىت، گازنىڭ باج نىسبىتىنى ئۆستۈردى

2014.10.14 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-دېكابىردىن تارتىپ، خام نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجىغا ئالاقىدار سىياسەتنى داۋاملىق تەڭشەيدىغانلىقى، خام نېفىت، تەبىئىي گاز كان بايلىقى تولۇقلىما راسخوت نىسبىتى نۆلگە چۈشۈپ قالغانلىقتىن، بايلىق بېجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان باج نىسبىتىنى %5 تىن %6 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە بىر قىسىم خام نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىدا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىتلىك دائىرىسىدە قويۇق نېفىتنى توشۇش جەريانىدا، قىزىتىلغان خام نېفىت، تەبىئىي گازدىن بايلىق بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، قويۇق نېفىت، قويۇقلاندۇرۇلغان نېفىت، يۇقىرى گۈڭگۈرتلۈك تەبىئىي گاز بايلىق بېجى %40 ئازايتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باجنى ئازايتىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە قارىتا، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىلا ئىجرا قىلىنىدۇ، تەكرار قوللىنىشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر