باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر ئۈلگىلىرى ئېلان قىلىندى

2014.10.14 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مەدەنىيلىك ئىشخانىسى تۈنۈگۈن سۇجۇنىڭ چاڭشۇدا ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرى ۋە ئەتراپتىكى ياخشى كىشىلەر نەق مەيدان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە 9-ئايدا كىرگۈزۈلگەن نامزاتلار ئېلان قىلىندى، بىر نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان دوكتۇر ھاكىم چەي شېڭفاڭ، 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىسى شې چياۋ ھەمدە خەتەرگە قارىماي خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ نۇرغۇن يارىدارلارنى قۇتقۇزغان ھارۋىكەش زۇ لىڭدوڭ، ئوننەچچە يىللىق كېسەل ئازابىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇزاق مۇددەت نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ كەلگەن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى شېن چىخۇا، مىليون يۈەن قىممىتىدە ئالتۇن تېپىۋېلىپ ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن كوچا ئاپتوبوس شىركىتىنىڭ شوپۇرى چېڭ ۋېنشياڭ، نەچچە ئون يىل ئىككى ئانا بىر قىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان خېڭجۇدىكى دېھقان ئايال جاڭ سۇمېي قاتارلىق 107 كىشى جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر دېگەن شەرەپكە ئېرىشىپ، زامانىمىز جۇڭگودىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئالىجاناپ خىسلىتى ۋە ھاياتلىق شەرىپىنى نامايەن قىلدى.

  2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ مەركەز مەدەنىيلىك ئىشخانىسى پۈتۈن مەملىكەتتە مەن ئەتراپىمدىكى ياخشى كىشىلەرنى كۆرسىتىپ باھالايمەن دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو مەدەنىيەت تورى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ئارقىلىق توردا ئېلان قىلىغان ئىدى، 6 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 240 مىڭدىن ئارتۇق ياخشى كىشى، ياخشى ئىش قېزىپ چىقىلىپ، 35300 نەپەر نامزاتنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى تەشۋىق قىلىندى، 7030 نەپەر كىشى جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر ئۈلگىسى دېگەن شەرەپ تاختىسىغا چىقتى، جۇڭگودىكى ياخشى كىشىنى كۆرسىتىش، باھالاش ۋە سايلاش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار 3 مىليارد ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر