باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتىگە ئىجابىي باھا بەردى

2014.10.14 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىكى زىيارىتىنى تولۇق ئاياغلاشتۇردى. گېرمانىيەنىڭ سىياسىي، سودا، ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق» ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشتى دېيىشتى.

  گېرمانىيە دارمىستاد سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففىسورى مارتىن ۋاگنا مۇنداق دەپ قارىدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ھەر قايسىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. كەلگۈسىدە گېرمانىيە كارخانىلىرى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ھالدا جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ سالسا بولىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە تاشقى سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى شۇمان مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى»دىن ئىبارەت بۇ ۋەزىيەتنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر