باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز 21 ئۆلكىنى كۆزىتىپ، «ئۆي-جاي چىرىكلىكى»نىڭ %95كە يەتكەنلىكىنى بايقىدى

2014.10.13 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-چېسلامەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ، 2014-يىللىق مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش-تۈزەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى.جايلاردىكى تۈزەش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، «ئۆي مۈلۈك» ساھەسىدە چىرىكلىشىش يەنىلا ئېغىر بولۇپ، «ئەمەلدار بىلەن سودىگەر تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش»، «تۇرالغۇ ئۆينى كۆپ ئىگىلىۋېلىش» ۋە «ئىشخانا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش» قاتارلىق ھادىسىلەر بەكلا ئومۇملىشىپ كەتكەن.

  2013-يىلدىن بۇيان كۆزىتىلگەن 21 ئۆلكە ئىچىدىكى 20 ئۆلكىدە ئۆي-جاي چىرىكلىكى ھادىسىسى بايقالغان بولۇپ،%95 كە يەتكەن؛ كۆزىتىلگەن 34 رايون، ئىدارىلەر ئىچىدە، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك19 ئەمەلدار مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن موللاق ئاتقان بولۇپ، خېلى كۆپ قىسمىنىڭ موللاق ئېتىشى ئۆي مۈلۈك ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر