- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار 2015-يىل ئاشكارا 220 مىڭدىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىدۇ
2014.10.13 15:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 12-چېسىلا ج ك پ مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىسىتىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: 2015-يىلى مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىماقچى بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتىمۇ بېكتىلىپ بولغان. 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كېيىن، تىزىملاتقۇچىلار ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىسىتىرلىقى تورىhttp://www.mohrss.gov.cn، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تورىhttp://www.scs.gov.cn قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى، خىزمەت ۋەزىپىسى ئۇچۇرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
چۈشەندۈرۈلۈشچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا 120دىن ئارتۇق مەركەز ئورگانلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەمۇرلارنى باشقۇرۇش قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئىدارىلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، 220 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.
(جياڭ لىن خەۋىرى)
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر