باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسلەر شى جىنپىڭنىڭ پارتىيىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە ئىزاھات بەردى

2014.10.10 23:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئۆكتەبىر پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى خۇلاسە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيەتنىڭ ئاخىرىلىشىشى ھەرگىزمۇ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئاياغلاشتى دېگەنلىك ئەمەس، پۈتۈن پارتىيە بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.»

  مۇتەخەسسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سۆزى پەقەت خۇلاسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى بىر خىتاپنامە ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پروگرامما خاراكتىرىلىك ھۆججەت دېيىشكە بولىدۇ. سۆزدە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك سېگنال.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفىسسورى شىن مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سۆزىدە بىر مۇھىم سېگنال بېرىلدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىن پەقەت مۇۋەپپەقىيەتنى سۆزلەشلا ئەمەس، تۆھپىسىگە قاراپ مۇكاپات بېرىشمۇ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل پارتىيىگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بېرىش.

  شىن مىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىزنىڭ بەزى مەسىلىلىرىمىز تېخى تۈپتىن ھەل بولمىدى، بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەر يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە قولغا كەلگەن، بەزىلىرى پەقەت «جۈرئەت قىلالماسلىق» سەۋىيەسىدە تۇرۇپ قالغان، قىلىشنى خالىماسلىقتەك ئاڭلىقلىق تېخى تامامەن شەكىللەنمىدى. خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيىدە ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى مۇقەددىمىسى باشلاندى، ئەمما قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى يەنىلا مۇقىم ئەمەس. باش شۇجىنىڭ سۆزىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  سۆزدە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تەجىربىلەرنى خۇلاسىلەپ ئالتە خىل «جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى ماركىسىزىم ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى خې لىشىن مۇنداق دېدى: بۇ ئالتە «جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتا» تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىربىلىرى يىغىنچاقلانغان، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە بىۋاستە يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا 8 جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى مائارىپ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي يەنجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيىدىن، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  مۇتەخەسسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماق پارتكوملىرىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى چىڭ تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەپ قاراشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماق پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپمۇ پارتكوم پارتى گۇرۇپپىسى شۇجىلىرىنى باھالاشتا ئالدى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چىڭ تۇتۇش، باشقا پارتىيىلىك رەھبىرى كادىرلار خىزمىتىنى باھالاشتىمۇ بۇ جەھەتتىكى ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك سېگنالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزىشىدا رۇشەن يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر