باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمەلدارلار ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››گە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

2014.10.10 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 24 – سېنتەبىر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ تيېنەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1 – سوتتا سوت ئاچتى. ليۇ تيېنەننىڭ پارا ئېلىش سوممىسى كۆپ، نۇرغۇن داڭلىق كارخانىغا چېتىشلىق بولۇپ، سودىگەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ بىر – بىرىگە زەنجىرسىمان باغلانغان چىرىكلىشىش يولى ئاممىغا ئاشكارىلىنىپ، كىشىلەرنى ئەمەلدارلارنىڭ ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى›› توغرىلىق يەنە بىر قېتىم ئويلاندۇردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلدى: ئەمەلدارلار ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى›› شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ، مەنپەئەت چەمبىرىكىگە ئايلىنىپ قېلىشى ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ۋە ئەمەلدارلىق سورۇنى سىرتىدىكى ھوقۇق، پۇل، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. قىسمەن جايلاردا بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش يېتەرسىز بولغاچقا، مالىيەنى بىر ئادەم باشقۇرۇش، چوڭ ھوقۇقنى بىر ئادەم تۇتۇش، ئادەم ئىشلىتىشتە بىرلا ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇش ئەھۋاللىرى ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇ، خوجايىنلارنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى، ھوقۇقى چوڭ ئەمەلدارلار بىلەن ‹‹دوستلۇق مۇناسىۋىتى›› ئورنىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا چوقۇم مۇكەممەل تۈزۈم ‹‹قەپىزى›› ئورنىتىپ، ئەمەلدارلارنى قولىدىكى ھوقۇقنى بۇ ‹‹قەپەز›› دىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىقارمايدىغان قىلىش كېرەك.

  ئەمەلدارلار ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››نىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن مەنپەئەت چەمبىرىكىگە ئايلىنىپ كېتىشى غەيرىي ئەمەلدارلىق سورۇنى مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، يەپ – ئىچىش، ‹‹بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم›› قىلىش ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئالاقە ئورنىتىشتىكى يوشۇرۇن قائىدىگە ئايلانغان. كادىرلار ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››دىكى خوجايىنلار بىلەن ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ، كەيىپ – ساپا قىلغاندا ناپاك تاماقلارنى يەپ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پۇللارنى خەجلەپ، بەزى ناتوغرا قارارلارنى چىقىرىپ، پارتىيەۋىلىك ۋە قانۇن – ئىنتىزامنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، يەنىلا ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئەمەلدارلارنىڭ ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››گە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك. مۇبادا ئەمەلدارلار خاتالىشىپ بايلىق ۋە مەرتىۋىدىن شەكىللەنگەن ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››گە كىرىپ قالسا، خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، سىياسىي ئىستىقبالىنى ھالاك قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ۋە خەلققە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيان سالىدۇ. ۋاقتى – سائىتى كەلگەندە، ئۇلار تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا، ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››دىكى دوستلىرى ئۇلارنى قانداقمۇ ئىلگىرىكىدەك ئەتىۋارلىسۇن؟! شۇ چاغدا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. دېمەك، پايدا – مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئورناتقان مۇناسىۋەت پايدا – مەنپەئەت قالمىغاندا ئاخىرلىشىدۇ؛ نوپۇز ۋە تەسىر كۈچنى كۆزلەپ ئورناتقان مۇناسىۋەت نوپۇز ۋە تەسىر كۈچتىن ئايرىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ؛ ھوقۇقنى كۆزلەپ ئورناتقان مۇناسىۋەت ھوقۇقتىن ئايرىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر