باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى

2014.10.10 08:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «خامچوتباشقۇرۇشتۈزۈمىئىسلاھاتىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇشتوغرىسىدىكىقارار»نىئېلانقىلدى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن خامچوت قانۇنىغا ئاساسەن خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.«قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خامچوتباشقۇرۇشتۈزۈمىئىسلاھاتىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ‐‐ مالىيە-باج تۈزۈمى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت مالىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، شۇنداقلا زامانىۋى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ 1995-يىلى خامچوت قانۇنى ۋە خامچوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خامچوت ئىسلاھاتىنى روشەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ،سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە لايىقلاشقان خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. لېكىن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىدە جامائەت مالىيە تۈزۈمىۋە زامانىۋى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىپ چىقتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر