باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

2014.10.08 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى 70تىن كۆپرەك ئويۇن قويۇش سورۇنىدا 580 مەيدان ئويۇن قويۇلدى؛ئويۇن قويۇش مەيدان قېتىم سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %29 كۆپەيدى. خېبېي ئۆلكىسى كۆپ خىل تۈردىكى نادىر ئويۇنلارنى قويدى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە «گۈزەل گويۈنلۇ راۋىقى» دېگەن مۇزىكىلىق دراما 1-، 2-ئۆكتەبىر نەنجىڭدىكى زىجىن چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، گويۈنلۇ راۋىقىدا ساقلانغان كىتاب ھېكايىسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ، كىتابنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تەڭداشسىز مېھرى مۇھەببەت باغلاش ۋە ئۇنى جان پىدالىق بىلەن قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

  1-ئۆكتەبىر كەچتە خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيخانىدا ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇندالغان غەلبە، بايراق ئۇسسۇلى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ھۆسن خەت يېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ،مۇزېيخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنىڭ شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىپلا قالماستىن، مۇزېيخانا بىلەن ياشلارنىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتۇرۇلدى.

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭدا 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كوچا كونسېرتى شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر مەيدانى، شەرقىي كوچا ئېغىزى مەيدانى، لۇشۈن مىس ھەيكىلى مەيدانى ۋە ۋولمارت سودا شەھەرچىسى مەيدانىدا ئورۇندالدى. كونسېرت ئەل ئارىسىدىكى سازەندىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار خەلق قوشاقلىرى، خەلق ناخشىلىرى، مودا ناخشا-مۇزىكىلار، گىتار، جاز ، دۇمباق مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارنى سۈرئەتكە ئەسلىمە قالدۇردى.

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈيدە 3-ئۆكتەبىر كەچتە ئەلئارىسى تىياتىر ئۆمىكى تاغ مۈشۈكىنىڭ تەخت ۋارىسىنى ئالماشتۇرۇشى دېگەن تىياتىرنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئورۇنلاپ بەردى.

  دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە خاربىندىكى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا بارلۇك كوچا مەھەللىسى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئەلنەغمە، ھۆسن خەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كۆرسەتتى.

  1-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 2014-يىللىق جۇڭگو ليۇجۇ خەلقئارا سۇ ئۈستى شادلىق ئويۇنى باشلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئويۇنى، كارتون، ۋېلىسىپىت ماھارىتى،تۈرلۈك بېزەك ماشىنىلىرىدا ئورۇندالدى، نەق مەيدان خۇشاللىققا چۆمۈلدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 3-نۆۋەتلىك جەنۇبىي گۇاڭدۇڭ بەخت بايرىمى ھەمدە دۆلەت بايرىمى مەدەنىيىتى ئولىمپىك تەنھەرىكىتى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇخەندە 3-نۆۋەتلىك سېھىرگەرلىك بايرىمى 20 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئىگىلىنىشىچە،كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر ئەنخۇي، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر پىلانى كۆرگەزمەخانىسىدا قىزىل ئەسلىمىلەرنى ياد ئېتىدىغان شەرق قىزاردى ، جۇڭگو ئارزۇسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇسۇللۇق كونسېرتى شەرق قىزاردى سەنئەت ئارخىپ كۆرگەزمىسىنى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 200 گە يېقىن ئارخىپنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، 400 دىن كۆپرەك قىممەتلىك رەسىم ۋە 100 دىن كۆپرەك كۆچۈرۈلمە ھۆججەت تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى.

  چاڭچۈن شەھىرىدە 1-ئۆكتەبىر چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق مەنزىرە كۆرۈش پائالىيىتى باشلاندى. چاڭچۈن كىنو ئىستودىيىسى ئىلگىرىكى بىنالىرى بولغان كىنو مۇزېيخانىسى، كىنوخانا، سۈرەتخانا، مۇزىكا زالى قاتارلىق رايونلارنى ئاممىغا ئېچىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر