باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭدا دېڭگې قىزىتمىسى يۇقۇمى 21 مىڭ 527 گە يەتتى

2014.10.08 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەلۈم قىلغان يۇقۇملىنىش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 5-ئۆكتەبىر سائەت نۆلگە قەدەر، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 20 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر مەلۈم قىلغان دېڭگې قىزىتىمىسىغا كىلىنكىدا دېئاگنوز قويۇلغان ۋە تەجىربىخانىدا دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 20 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇدا 16 مىڭ 966 بىمار بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىركەن. گۇاڭجۇ شەھىرى 7-ئۆكتەبىر پۈتۈن شەھەردە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى تازىلاش، قۇرۇت ۋە پاشىلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  6-ئۆكتەبىر سائەت نۆلگىچە بۇ يىل گاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە مەلۈم قىلىنغان دېڭگى قىزىتمىسىدا قازا قىلغان كىشى 6 غا يەتتى.

  گۇاڭجۇدىكى بەزى مەھەللىلەر دېڭگى قىزىتمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جېڭىنى باشلىدى. بەزى كوچىلاردا ئاپتوموبىللار پاشا يوقىتىش دورىسىنى چېچىشقا باشلىدى، بەزى مەھەللىلەر ھەر كۈنى 3 دېزىنفېكسىيەلەش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىملىق، ئېرىق ئۆستەڭ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا ئۆزلۈكسىز دورا چاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر