باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سوتچى ئەل ئىچىدىكى يۇقىرى ئۆسۈملۈك مەبلەغ جۇغلاش قانۇن خەتىرىدىن ئىھتىيات قىلىشنى سەمىگە سالدى

2014.10.08 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىركەتنىڭ تىجارىتى ئۈچۈن مەبلەغ ئىھتىياجلىق دېگەن بانا بىلەن ھەر ئايدا %1.5 تىن %4.3 كىچە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن زور دەرىجىدە ئامانەت پۇل قۇبۇل قىلىپ جەمئىي 51 مىليون 670 مىڭ يۈەن مەبلەغ يىغقان جاۋاپكار لىن فامىلىلىك ئاخىرىدا نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتتى.

  سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى يۇۋشى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇنسىز پۇل جۇغلاش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ ئاممىدىن قانۇنسىز ئامانەت پۇل توپلىغان لى فامىلىلىكنى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ بىرلا دېلو ئەمەسكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەل ئىچى قەرزى شەكلىدە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن ئاممىدىن قانۇنسىز ئامانەت پۇل يىغىپ، پۇل جۇغلاپ قويمىچىلىق قىلىش قاتارلىق دېلولار كۆپەيگەن.

  سوتچى ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بەزى كارخانا ۋە شەخسلەر كىشىلەرنىڭ بېيىش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يالغان تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ مۇددىتى توشقان قەرزى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرىدۇ، بۇنىڭدىكى خەۋپتىن ئىھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر