باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ئېچىشنى قاتتىق كونترول قىلىش سىگنالى چىقاردى

2014.10.08 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،شەرقىي شىمالدىن خەينەن ئۆلكىسىگىچە دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىش قىزغىنلىقى دېڭىز قىرغىقى ئېكولوگىيىسى پەيدا قىلغان بولىشى مۇمكىن دېگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىش،دېڭىز ئېكولوگىيىسى چېكىنى بېكىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىش سىگنالىنى تارقاتتى.

  9-ئايدىن بۇيان،يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زور كۆلەمدە دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىش خەۋەرلىرى ئارقا ئارقىدىن تارقالدى. خەۋەرگە قارىغاندا، دالىيەن شەھىرى بەش يىل ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ چوڭ دېڭىز تىندۇرۇلۇپ ياسالغان ئايرودروم سالماقچى ئىكەن. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىمۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى ئايرودروم سېلىشنى جاكارلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشنى قاتتىق تىزگىنلىگەنلىكتىن، كۆپلىگەن جايلاردا ئىشلىتىدىغان يەر يوق دېگەننى بانا قىلماقتا. لېكىن جۇڭگونىڭ يەر باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراشتىكى دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنى ئايرىش ھازىرقى ئەھۋالى دېڭىزدىن يەر ئېلىش پايدىلىق پۇرسىتىنى پەيدا قىلماقتا. سىياسەت يوچۇقى ئارقا كۆرۈنىشىدە دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئېتىز ھاسىل قىلىش تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا. بۇ مەركەزنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېقىندا زېمىن بايلىقى مىنىستىرى ئىش بېجىرىش يىغىندا دېڭىز بويى ساھىلىنى ئېچىش ۋە قوغداشنى تەتقىق قىلىپ، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە تەبىئىي قانۇنىيەتنى قاتتىق قوغداپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، دېڭىز ئوكيان ئېكولوگىيە چېكىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر