باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە رايونلار ئىقتىسادى تەڭكەش تەرەققىي قىلدى

2014.10.08 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ زېمىنى مۇنبەت، جايلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمى تەكشى ئەمەس. 65 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىدى ۋە تەپسىلىيلەشتۇردى. بىر تەرەپتىن رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆردى، يەنە بىر تەرەپتىن رايونلارنىڭ قەدىمىنى ماسلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ بىرىكىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇردى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىدا، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان " غەربى رايوننىڭ ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى" رەسمىي يولغا قويۇلدى، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ھەمدە تىجارىتى تۇنجى قېتىم ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەسىپلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. كۆمۈر ئېنېرگىيەسى بىلەن داڭلىق بولغان يايلاق پاكىزە، تۆۋەن كاربونلۇق بۇلۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىماقتا.

  دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىدا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى كۆرسەتكۈچى 21 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى، ئەمما ئىچكى موڭغۇل ئۆزلىرى بېكىتكەن ۋەزىپە 33 مىليون كىلوۋات سائەت. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئوردوستىن چاڭشاغىچە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىقلىق لىنىيە پىلانلاندى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ توكىنى غەربتىن جەنۇبقا يەتكۈزۈشتە مۇشۇنداق بىر ئويلىنىش بار. تىپىنى ئۆزگەرتىش جاسارىتى بولغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئوردوستىن چاڭشاغىچىلا ئەمەس، بەلكى 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان ئۇزۇنىسىغا، توغرىسىغا ئۈچ يۇقىرى بېسىملىق غول لىنىيەلىك تور جازىسى ئىچىدە، ئۇزۇنىسىغا ئىككى، توغرىسىغا بىر لىنىيە ئىچكى موڭغۇل يايلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شەرقى جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو ۋە شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنى تۇتاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لياڭ تېچېڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە بىزنىڭ كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشىمىزدىكى تىرەك. ياخشى مەزگىلدە شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى، قىيىنچىلىققا يولۇققان ھامان ئومۇميۈزلۈك چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بىز تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدى.

  ئەگەر ئىچكى موڭغۇلدىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بارغانچە كۆپ بولۇپ، رايونلار ئارا ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئۆز-ئارا تولۇقلاشقا نەپ يەتكۈزدى دېيىلسە، ئۇنداقتا 22-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان تاموژنىدىن ئۆتۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رەسمىي يولغا قويۇلسا، رايون ئىچىدىكى جايلار بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. خېفېي شىنشېڭ فوتو ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادى بەلبېغىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۇنجى تىزىملىكنى ئورۇنلىدى. چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ، شەرقتە شاڭخەيدىن باشلىنىپ، غەربتە يۈننەنگىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپى، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى شەھەرلەر توپىدىن چېڭدۇ، چۇڭچىڭ ئىقتىسادى رايونىغىچە، يۈننەننىڭ ئوتتۇرا رايونى، گۇيجۇنىڭ ئوتتۇرا رايونىغىچە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادى بەلبېغى ئىستراتېگىيەسى پىلانى يولغا قويۇلدى. شەرق، ئوتتۇرا، غەربنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى، تەڭكەش تەرەققىي قىلىشى، دېڭىز بويىدىكى رايونلار، چەت چېگرا رايونلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئېچىۋېتىشى بىلەن بۇ جايلار جۇڭگودىكى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىقتىسادى بەلباغقا ئايلىنىدۇ.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فەن خېڭشەن مۇنداق دېدى: رايونلار تەڭكەش تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بازار ئىگىلىكىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، مەمۇرىي رايونلارنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ زور دائىرە، تېخىمۇ چوڭ بوشلۇقتا ئېلىمىزنىڭ بايلىق ئامىلىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر