باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، دوستانە ياردەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

2014.09.25 08:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم شۇجىسى

  چېن چۈەنگو

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، چوقۇم چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتا ئاۋۋال شىزاڭنى مۇقىم قىلىش» دېگەن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئىدىيەسى ۋە «شىزاڭنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» دېگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ «شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇش، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاساسنى پۇختىلاش» دېگەن كۆرسەتمە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «10 دا چىڭ تۇرۇش»نى ئاساس قىلىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەمدە بولىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە ئىناقلىق، مۇقىملىق، ئىلمىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياخشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچلۈك، چېگرا مۇستەھكەم بولغان كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەر گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

  يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى قىلىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «5نى ئۇنۇتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى، يەنى تەتقىقات بۆلۈمى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۇنۇتماسلىق، كادىرلارنى سەپلەشتە مىللىي خىزمەت سېپىدىكى كادىرلارنى ئۇنۇتماسلىق، باھالاش-تەكشۈرۈش خىزمىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۇنۇتماسلىق، مالىيە خامچوتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى خىراجىتىنى ئۇنۇتماسلىق، ئىلغارلارنى تەقدىرلىگەندە مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتېپ، شەخس ۋە ئائىلىنى تەقدىرلەشنى ئۇنۇتماسلىق. ئادەتتىكى چاغلارغا ئەھمىيەت بېرىش، سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر باش بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەۋىلىك كادىرلار بىرەيلەن بىر كەنت، بىر بۇتخانا ۋە 2دىن 3 كىچە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتلەرگە بېرىپ ئۆيلەرگە كىرىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇش.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر