باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گېساڭ دېجى ـــ مېنبالارنىڭ ئۈمىدى(مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئىلغار شەخس)

2014.09.25 08:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭدىكى موتو ناھىيەسى جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى تاشيول تۇتاشقان ناھىيە، باڭشىن يېزىسى بولسا موتو ناھىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تاشيول تۇتاشقان يېزا. 36 ياشلىق گېساڭ دېجى باڭشىن يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە 14 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.

  كىچىكىدىن باشلاپلا يارلۇزاڭبۇ دەرياسى بويلىرى، ھىمالايا تاغ باغرىلىرىدا چوڭ بولغان مېنبا قىزى گېساڭ دېجىنىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھاببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، بۇ خىل مۇھەببەت 14 يىل ئىلگىرى ئۇنى يۇرتىغا قايتقۇزدى.

  16 ياش ۋاقتىدا كىچىكىدىنلا جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئوقۇغان گېساڭ دېجى ئىچكىرىدىكى شىزاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى؛ 1998-يىلى ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن خېبىي پىداگوكىكا ئىنستىتۇتى (ھازىرقى خېبىي پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىسىتېتى) قارمىقىدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى خەنزۇتىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. تەقدىرى ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرغان چاغدا، گېساڭ دېجىدا بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولدى.

  2001-يىلى 6-ئايدا، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالدىراپلا خوشلىشىپ، «مېنىڭ ئارزۇيۇم موتودا، چوقۇم يۇرتۇمغا قايتىشىم كېرەك» دېگەن ئىدىيە بىلەن يۇرتىغا قايتتى.

  ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش مۇساپىسىگېساڭ دېجى باڭشىن يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، سىنىپ مەسئۇلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى يولۇققان مەسىلە قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىغا قايتۇرۇپ كېلىش بولدى. گېساڭ دېجى ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىمگە تەشنا جۈپ-جۈپ كۆزلەرگە باققىنىدا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىدى-دە «ئۆگەنلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بالىلارغا ئۆگىتىمەن، ھېچقايسى ئوقۇغۇچىمدىن ۋاز كەچمەيمەن» دېدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تاشلاپ ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  مەسىلىنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ ئەمەس، بىرى يول ياخشى ئەمەس بولۇپ، يىل بويى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ، تاغ باغرى سىيرىلىپ چۈشىدۇ، مۇكەممەل بىر يول يوق، بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ يەنە بىرى، ئىدىيەسى قالاق بولۇپ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مەكتەپتە ئوقۇغانننىڭ پايدىسى يوق، ئىستىقبالىمۇ يوق ئۇنىڭدىن ئىشلەپ پۇل تېپىپ ياكى ئۆيدە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان ياخشى دەپ قارايدۇ. گېساڭ دېجى ئۆيلەرگە بېرىپ بالىلارنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش مۇساپىسىگە ئاتلاندى. ئەگرى-بۈگرى خەتەرلىك تاغ يولىدىن مېڭىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. ئاتا-ئانىلارغا خىزمەت ئىشلىگەندە، گېساڭ دېجى ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ قۇرداشلىرىغا ئوخشاش ئۆيدە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا سالمىغانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇغانلىقىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى.

  14يىل مابەينىدە شۇ جايدىكى مېنبا بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %95 كە يەتتى، بۇنى گېساڭ دېجىنىڭ جاپالىق قان-تەرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر