باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹مىللىي كارخانىچىلار ۋە يەرمەنكە›› تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.09.24 11:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومېتىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹مەرىپەت›› كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 21 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ‹‹مىللىي كارخانىچىلار ۋە يەرمەنكە›› دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۇقۇشۇمچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، 1 – نويابىردىن 5 – نويابىرغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا – ئاسىيا‹‹ ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ ‹‹يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى ئۈنۈم››دە ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن كەلگەن ئىقتىسادشۇناس، مۇتەخەسسىس ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى يەرمەنكىنىڭ مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك يەرمەنكىلەرنىڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئاكتىپ تەسىرى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ مىللىي كارخانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى شەرھلىدى.

  ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مىللىي كارخانىچىلار يەرمەنكىگە قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. مىللىي كارخانىچىلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ھازىرغىچە، 500گە يېقىن كارخانىچى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر