باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا شەھەر–يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

2014.09.24 11:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە ‹‹يەتتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش›› ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹يەتتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش›› تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: تۈزۈم ئەندىزىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەخسىي ھېسابات بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش؛ شەھەر – بازار ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆلچىمى، شەخسىي ھېسابات ئۆلچىمىنى پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ تۇتاشتۇرۇش چارىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭ تاپشۇرغانلارنىڭ سۇغۇرتىسىنى ئۆزئارا يۆتكەش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن پاراۋانلىق كۈتۈنۈش تەمىناتىنى تەڭشەشنى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى بىرلەشمە تەڭشەش مېخانىزمىغا كىرگۈزۈش؛ فوند باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى سۇغۇرتىسىنى رايون – ناھىيە مالىيەسىنىڭ مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۈزۈمنى يۈرگۈزۈپ، رايون – ناھىيە مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ھېسابلاش ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش؛ بىرتۇتاش يىغىش ۋە تارقىتىشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى سۇغۇرتىسىنى بانكا ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ۋە ۋاكالىتەن تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر